مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيە - جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.11.02 09:15 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە - جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رۇسىيە - جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغان 65 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىگە باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، دوستلۇقى، ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى ساقلاندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، جۇڭگو - رۇسىيە خەلقلەر ئارا دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ كېلەچىكى چەكسىز، ئىستىقبالى زور. رۇسىيە - جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە خەلقلىرىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شۇ كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ رۇسىيە - جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ