شى جىنپىڭ «سۇلۇق يەر ئەھدىنامىسى» 14 - نۆۋەتلىك ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

2022.11.07 09:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلگەن «سۇلۇق يەر ئەھدىنامىسى» 14 - نۆۋەتلىك ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە قاتناشتى ھەم «سۇلۇق يەرنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى قوغداپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش بويىچە يەرشارىۋى ھەرىكەتنى ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلگەن «سۇلۇق يەر ئەھدىنامىسى» 14 - نۆۋەتلىك ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە قاتناشتى ھەم «سۇلۇق يەرنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى قوغداپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش بويىچە يەرشارىۋى ھەرىكەتنى ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قەدىمدىن ھازىرغىچە، ئىنسانلار سۇ قوغلىشىپ ياشاپ كەلگەن، مەدەنىيلىك سۇ بىلەن بىللە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى سۇلۇق يەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىز تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش بويىچە يەرشارىۋى ھەرىكەتنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  − سۇلۇق يەرنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت يەرشارىۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسىنى قەلبكە چوڭقۇر پۈكۈپ، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ دەخلى قىلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى ئازايتىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى پاسىلىنى ساقلاپ، ئەۋلادلارغا گۈزەل سۇلۇق يەر قالدۇرۇش كېرەك.

  − سۇلۇق يەرنى قوغداش يەرشارىۋى مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىي قىياپىتى ۋە مۇكەممەللىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇھىم سۇلۇق يەرنى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جايلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى سۇپىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  − سۇلۇق يەر ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، يەرشارىۋى بەخت - سائادەتنى ئاشۇرۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو سۇلۇق يەرنى قوغداشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، قوغداش تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، «سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنى»نى ئېلان قىلدى. جۇڭگو ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. جۇڭگو «دۆلەت باغچىسى بوشلۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقتى، بىر تۈركۈم دۆلەت باغچىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن تەسىس قىلىپ، تەخمىنەن 11 مىليون گېكتار سۇلۇق يەرنى دۆلەت باغچىسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە سۇلۇق يەرنى قوغداش يىرىك پىلانى ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداش مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، شېنجېندا «خەلقئارا مانگروۋا ئورمىنى مەركىزى» قۇرۇپ، يەرشارىۋى دېڭىز ساھىلى مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قوللايدۇ. بىز ئورتاق تىرىشىپ، يەرشارىۋى سۇلۇق يەرنى قوغداشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ