شى جىنپىڭ 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى

2022.11.07 09:21 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە قاتناشتى ھەم «ئېچىۋېتىلگەن، گۈللەنگەن گۈزەل كېلەچەكنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  11- ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە قاتناشتى ھەم «ئېچىۋېتىلگەن، گۈللەنگەن گۈزەل كېلەچەكنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ جيې فوتوسى

  11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە قاتناشتى ھەم «ئېچىۋېتىلگەن، گۈللەنگەن گۈزەل كېلەچەكنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىل ئىلگىرى، مېنىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى جاكارلىشىم دەل ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ چوڭ بازىرىنى دۇنيانىڭ چوڭ پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. ھازىر، ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىدىكى كۆزنەككە، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشىدىكى سۇپىغا، يەرشارىۋى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان خەلقئارالىق ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېچىۋېتىش − ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇقەررەر يول. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەمكارلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئورتاق بەھرىلىنىش بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىقتىسادنى يەرشارىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرىدۇ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلەپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ تەكىتلەندى.

  − جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ چوڭ بازار پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مال سودىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت، سودا تەرەققىيات مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى» ھەمكارلىقىنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇلازىمەت، سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

  − جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قائىدە، قائىدە - تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، يېڭى نۇسخىدىكى «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىش كەسىپلەر مۇندەرىجىسى»نى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەت مۇلازىمەت كەسپىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىدۇ؛ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىناق سۇپىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

  − جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھات سۆھبىتىگە ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر قاتنىشىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئورتاق يېتىلدۈرىدۇ، «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يەرشارىغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى كېڭەيتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە قەتئىي مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يول ئايىغىمىز ئاستىدا، يورۇقلۇق ئالدىمىزدا. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېچىۋېتىش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى ئورتاق يېڭىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يەرشارىۋى تەرەققىياتقا يېڭى پارلاق ئىستىقبال ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ!
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ