فىلىپپىننىڭ تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن
شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2022.11.07 09:07 مەنبە: خەلق تورى
11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىلىپپىننىڭ تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ماركوسقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: فىلىپپىننىڭ تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر، زور بولغان ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ھەم مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. زۇڭتۇڭ ماركوس ۋە فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يۇرتىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىننىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ