مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاباز بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2022.11.03 22:25 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى شاباز بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا شابازنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن پاكىستان زۇڭلىسى شاباز بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان پۈتۈن كۈنلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى، يېقىن دوست، قوشنا ۋە قەدىناس دوستلار. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن دوستانە كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. جۇڭگو پاكىستان بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ پاكىستاندا بۇ يىل زور كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ھال سورىدى، پاكىستاننىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە پاكىستانغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پاكىستان بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ پورت، قاتناش، ئېنېرگىيە، كەسىپ ۋە ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. «پاكىستاندىكى جۇڭگو تەرەپ خادىملىرى، تۈرلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش خىزمەت لايىھەسى»گە ئىمزا قويۇشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى خادىملىرى، ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىككى دۆلەت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ مۇقىم قاتنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك بېرىش-كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  شاباز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان بىلەن جۇڭگو يېقىن قېرىنداش، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى. پاكىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پاكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. شاباز مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پاكىستان تەرەپ پاكىستان-جۇڭگو دوستلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارغا چىداپ تۇرالمايدۇ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پاكىستاندىكى جۇڭگو تەرەپ خادىملىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، رەقەملىك ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى قاتارلىق ھۆكۈمەتلەرئارا ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا شابازنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ