شى جىنپىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2022.11.07 09:04 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە، سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا خاسان ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - تانزانىيە مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ خاسان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن جۇڭگو تەرەپ كۈتۈۋالغان تۇنجى ئافرىقا دۆلىتى باشلىقى، بۇ، جۇڭگو - تانزانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىق دەرىجىسى ۋە جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى تولۇق نامايان قىلدى. 2013 - يىلى مەن تانزانىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا چىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم، بۈگۈنكى كۈندە، بۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتىكى ئاساسىي سىياسەت ئىدىيەسىگە ئايلاندى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - تانزانىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى − پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش. زامانىۋىلاشتۇرۇش غەربلەشتۈرۈش دېگەنلىك ئەمەس. جۇڭگو جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو تۇپرىقىدا يىلتىز تارتتى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە تانزانىيە ئىنقىلاب پارتىيەسى پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى داۋاملىق تانزانىيە ئىنقىلاب پارتىيەسى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ، نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە يۈرۈشۈش ئىشلىرىنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - تانزانىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، باشتىن - ئاخىر تانزانىيە تەرەپنىڭ ئىشەنچلىك دوستى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - تانزانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يېتەكچى قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تانزانىيە تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، تانزانىيە تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تانزانىيە تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تانزانىيەنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تانزانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللاپ، تانزانىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تانزانىيە تەرەپ بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئالماشتۇرۇشنى، تانزانىيەنىڭ خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتىنى قوللاشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولى جۇڭگو - تانزانىيە ۋە جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئابىدىسى. ئەينى يىلى جۇڭگو تېخى ناھايىتى نامرات چاغدىمۇ، بىز ئىقتىسادچىل بولۇپ، ئافرىقىلىق قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىپ تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى ياساپ بەردۇق. ھازىر بىز تەرەققىي قىلدۇق، شۇڭا چىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ، ئافرىقىلىق دوستلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت چوڭ يۆنىلىشتىن تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىككى تەرەپ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئافرىقا تەرەپنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېتەكچى قىلىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى قاتارلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىدا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  خاسان مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ۋە شەرەپ ھېس قىلدىم، بۇ تانزانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەن تانزانىيە ئىنقىلاب پارتىيەسى ۋە تانزانىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمەن. تانزانىيە تەرەپ جۇڭگونى ھەقىقىي ئەڭ مۇھىم دوستى دەپ قارايدۇ، جۇڭگونىڭ مەڭگۈ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ھەمراھى بولۇشنى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تانزانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، بۇنى يېڭى دەۋردىكى ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. تانزانىيە تەرەپ داۋاملىق تەيۋەن مەسىلىسى، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا ئالتە ئاچا - سىڭىل پارتىيەسى جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى تەرەققىياتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رول ئوينىدى، ئافرىقىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى، تانزانىيە تەرەپ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىدۇ ھەم قوللايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئىنتايىن دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇ ھازىر دۇچ كەلگەن يەرشارىۋى خىرىسنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق، تانزانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تۆۋەندىكىلەرگە بىردەك قوشۇلدى:

  يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ۋە سۆھبەتلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك، نىزام چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ھەم پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش؛

  ئىككى تەرەپ سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە تۈر ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش، كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش، پىششىقلاش، ياسىمىچىلىق، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش؛

  ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە جۇڭگو - تانزانىيە ساياھەت - مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزۈش، ئىككى دۆلەت ئالىملىرى، تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقلەر ئارا دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش؛

  خەلقئارا ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى قاتارلىق مۇھىم قارالمىلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش، تەرەققىيات ھەمكارلىقى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، كۆك ئىقتىساد قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى. ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا خاسان ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  خاسان يېتىپ كەلگەندە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، 17 نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى پەلەمپەيدىكى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تىزىلىپ تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈردى، مېھمان كۈتۈش كانايچىلىرى ھۆرمەت كانىيىنى چالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن تانزانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. خاسان شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا خاسان ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ