مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش رولىنى چىڭ تۇتۇش

− 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى باشلىنىش پەيتىدە

2022.11.07 09:16 مەنبە: خەلق تورى

  خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ھەم خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن دۆلىتىمىز ئۆتكۈزگەن تۇنجى مۇھىم، زور خەلقئارالىق كۆرگەزمە.

  «دوستلار چەمبىرىكى» كېڭەيتىلدى، «يېڭى تېخنىكا»لار تۇنجى قېتىم نامايان قىلىندى، «يېڭى تاۋار»لار يىغىلدى، «يېشىل دولقۇن» مەۋج ئۇردى... يۇقۇمنىڭ زەربىسى ۋە ئېنىقسىز بولغان يەرشارىۋى ۋەزىيەت ئالدىدا، 5 - نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش رولىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كېلەچەكنى ئورتاق يارىتىشتىكى جۇشقۇن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتتى.

  ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسىنى بارغانسېرى ياخشى باشقۇرۇش

  11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى شاڭخەيدە، كۈز ھاۋاسى كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى، شەكلى «تۆتقۇلاق ئوت»قا ئوخشايدىغان دۆلەت يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى (شاڭخەي) بېزىلىپ يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلگەنىدى.

  «تۆتقۇلاق ئوت» دۇنيا سودا تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىجادىيەتكە گۇۋاھ بولدى: 2018 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى لايىھەلىگەن، ئۆزى تۈرتكە بولغان ئىمپورت كۆرگەزمىسى بۇ يەردە داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

  «جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە سەۋىيەلىك ئۆتكۈزۈش، ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈش، بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك».

  2018 - يىلى 11 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە دۇنياغا تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى.

  ۋەدە ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك! جۇڭگو سەھنە ھازىرلىدى، دۇنيا ئومۇمىي خور ئېيتتى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر خەلقئارا سودا تارىخىدىكى شانلىق سەھىپىنى ئورتاق پۈتتى.

  بۇ، پۈتۈن يەرشارىدىكىلەر ئورتاق قاتنىشىدىغان كاتتا پائالىيەت −

  دۇنيا ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيادىكى تۇنجى ئىمپورتنى باش تېما قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك بۇ كۆرگەزمە ھەمىشە قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە ساھە باشلامچى كارخانىلىرىدىن 2019 - يىلى كۆرگەزمىگە قاتناشقانلىرى تۇنجى قېتىم 250تىن ئاشتى، 2020 - يىلى ئاممىۋى سەھىيە بويىچە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىندى، 2021 - يىلى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، سەنئەت بۇيۇملىرى بۆلىكى تەسىس قىلىندى، بۇ يىل يېڭىدىن زىرائەت ئۇرۇقچىلىقى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق مەخسۇس رايونلار تەسىس قىلىندى...

  5 - نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، كۆرگەزمە مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىيدۇ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى تېخىمۇ ئەلالىشىدۇ، تۈرلۈك پائالىيەتلەر مول، ئېسىل بولىدۇ، جەمئىي 145 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. 127 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن كارخانا كارخانىلار سودا كۆرگەزمىسىگە، 66 دۆلەت ۋە ئۈچ خەلقئارا تەشكىلات دۆلەت ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، مىقدارى بىردەك ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  بۇ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان سەھنە −

  ئىمپورت كۆرگەزمىسى سۇپىسى ئارقىلىق، دۇنيا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ئاڭلىدى، «جۇڭگو تەشەببۇسى»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىلىرىنى كۆردى.

  «ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش»تىن «ئورتاق ھالدا ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قانچە زورايتساق شۇنچە ياخشى، قارشىلىق كۈچىنى قانچە كىچىكلەتسەك شۇنچە ياخشى»غىچە، «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىشكە يۈزلىنىش، ھەمكارلىققا يۈزلىنىش چوڭ ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىدى»دىن «ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى دۇنيانى ئىللىتتى»غىچە... رەئىس شى جىنپىڭ 4 - نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ۋە بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئالدىنقى تۆت نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە مۇددىئالىق پۈتۈشۈش سوممىسى 270 مىليارد دوللاردىن ئاشقان.

  «ئىمپورت كۆرگەزمىسى تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، خەلقئارا سېتىۋېلىش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ سۇپىلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىدىغان كۆزنەككە، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىگە، كۆپ تەرەپچىللىك سەھنىسىگە ۋە مۇھىم خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندى» دېدى جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈن چېڭخەي.

  يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىقنىڭ تەتۈر شامىلى، تەتۈر ئېقىمىغا قارشى ھالدا، ئىمپورت كۆرگەزمىسى يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا كەڭ ماختاشقا ئېرىشىپ، ھەقىقىي تۈردە «ئادەتتىكىچە بولمىغان» خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كاتتا مەرىكىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىمپورت كۆرگەزمىسى سۇپىسىغا قاتنىشىدىغان كونا - يېڭى دوستلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ يىل رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP) كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلغان تۇنجى يىل، RCEPغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن كارخانىلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش سانىمۇ ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن كۆپىيىدۇ. نىكاراگۇئا، جىبۇتى، ماۋرىتانىيە، كومورو، موزامبىك، كونگو (كىنشاسا)، ئىراق، ئىسلاندىيەدىن ئىبارەت سەككىز دۆلەت تۇنجى قېتىم دۆلەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل ئالتە چوڭ كۆرگەزمە رايونىدا نەچچە يۈز تۈرلۈك يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مۇلازىمەت كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دىققەت گۈزەل تۇرمۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار، شۇنداقلا يەرشارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكىلار ئىشلىتىلگەن تۈرلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك، سەرخىل، ئالىي دەرىجىلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە جابدۇق، ئۈسكۈنىلەرمۇ ئاز ئەمەس.

  دىكانۇڭ ئېكولوگىيەسى لايىھەلىگەن دالا ۋېلىسىپىتىنىڭ يەرشارى بويىچە تۇنجى ئېلان قىلىنىشىدىن زېس ئوپېراتسىيە مىكروسكوپىنىڭ جۇڭگودا تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنىشىغىچە، يەنە ئوۋمۇلۇڭ ئېلىپ كەلگەن 7 - ئەۋلاد تىكتاك توپ ماشىنا ئادىمىگىچە، ئىمپورت كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلار كەڭ جۇڭگو بازىرىغا يۈرۈش قىلدى.

  ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە بەش قېتىم ئۇچراشتۇق، يىلدا يېڭىلىقلار بار.

  ئىمپورت كۆرگەزمىسى فىرانسىيە دانېڭ گۇرۇھىنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلىرىنى تۇنجى ئېلان قىلىش سۇپىسىغا ئايلاندى، ئۇنىڭ جەمئىي 70 نەچچە خىل يېڭى مەھسۇلاتى جۇڭگو بازىرىغا كىردى. «ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش بىزگە جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىرادىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگودا يېڭىدىن ئوچۇق پەن تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىپ، <جۇڭگودا ئىجاد قىلىندى> ۋە <جۇڭگودا ياسالدى>نىڭ قەدىمىنى تېزلىتىمىز» دېدى دانېڭ گۇرۇھىنىڭ جۇڭگو، شىمالىي ئاسىيا ۋە ئوكيانىيە بازىرىغا مەسئۇل لىدىرى شيې ۋېيبو.

  ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى

  توققۇز كىۋادرات مېتىر، بۇ، ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشتىكى ئەڭ كىچىك كۆرگەزمە ئورنى كۆلىمى. 2018 - يىلى، پېرۇنىڭ قوي تۆگە قونچىقى ماركىسى «مۇلايىم قوي تۆگە» تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانىدى، بۈگۈنكى كۈندە كۆرگەزمە ئورنى تەرەققىي قىلىپ 36 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى.

  ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن «مۇلايىم قوي تۆگە» تەدرىجىي ھالدا جۇڭگو بازىرىنى ئاچتى. تۆت يىلدىن بۇيان، جۇڭگودىكى 20 نەچچە شەھەردە بۇ ماركىنىڭ تور سىرتىدا سېتىش يوللىرى ئېچىلدى، ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا توردا سېتىلىپ، زاكاز مىقدارى 40 ھەسسە ئاشتى.

  دۇنيامۇ ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش قىياپىتىنى، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان كەڭ قورساقلىقىنى ھېس قىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە يېڭىدىن «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى − سىرتقا ئېچىۋېتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى» ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدۇ. ھەربىر مودېل، ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر بۆلەك سىن ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدۇ.

  ئالدىنقى تۆت نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى تەۋەلىك رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشتىن پاسسىپ تىزىملىكنى داۋاملىق قىسقارتىشقىچە، رەقەملىك ئىقتىساد، ئالاقە تورى قاتارلىق ساھەلەردە ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىشتىن تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەسىنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىشكىچە... جۇڭگو جاكارلىغان ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تىزىملىكىنى ئەمەلىي قىممەتكە تولدۇردى، ھەمدە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەدىسىنى نەقلەشتۈردى.

  «تېسلا دەل جۇڭگونىڭ تاشقى مەبلەغ پاي نىسبىتىنى قويۇۋېتىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاندىن جۇڭگودىكى تۇنجى چەت ئەل كارخانىلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا ئايلىنالىدى.» تېسلا شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى تاۋ لىن مۇنداق دېدى: تېسلا جۇڭگونىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولغان ئىچكى ئېھتىياج بازىرىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىدىكى مۇھىم بىر ھالقىغا ئايلاندى.

  ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، «كۆرگەزمە بۇيۇملىرى تاۋارغا ئايلانغان، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلارغا ئايلانغان» قالتىس ھېكايىلەر ئىمپورت كۆرگەزمىسى سۇپىسىدا ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. جۇڭگونىڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىرادىسى ۋە تەدبىرى بارغانسېرى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى.

  بۇ يىلقى ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرىنى ھەقسىز يايما ئورنى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى كۆپەيتىلدى.

  «جۇڭگو بازىرى ئافغانىستاندىكى يۇرتداشلارغا ئۈمىد بېغىشلىدى.» ئافغانىستانلىق سودىگەر ئەلى مۇنداق دېدى: قولدا توقۇلغان چوڭراق قوي يۇڭى گىلىمىدىن بىرى سېتىلسىلا، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بۇ دۆلەتتىكى ئادەتتىكى بىر ئائىلىنىڭ بىر يىلغا يېقىن تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  ئەلى يېڭىدىن يارىتىلغان ماركا «BIRARO»نى بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە ئېلىپ كەلدى. بۇ ئىسىم شۇ جاي تىلىدا «قېرىنداش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قېرىنداشلاردەك ئۆتۈپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈشىگە سىمۋول قىلىنغان.

  ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئېچىۋەتكەن، ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلەنگىلى بولىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى «يەرشارىۋى ئېچىۋېتىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىپ، ھەمكارلىق، تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، «ئېچىۋېتىشنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش» «ئېچىۋېتىشنى ئورتاق ئىدارە قىلىش» «ئېچىۋېتىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەك، 24 شۆبە مۇنبەر ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتى، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار تارماق مۇنبەرلەرنى ئۆتكۈزۈشكە قاتنىشىدۇ.

  جاھاننى قەلبىگە پۈكۈش، ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش كۈچلۈك ساداسىنى داۋاملىق تارقىتىدۇ. ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى مۇقەررەركى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ.

  كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ، ئىمپورت كۆرگەزمىسى دۇنيا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشقا جۇڭگو كۈچىنى قوشىدۇ

  شەكلى «تۆتقۇلاق ئوت»قا ئوخشايدىغان يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ شىمالىي زالىغا كىرگەندە، دەرىجىدىن تاشقىرى بىر چوڭ ئېكران كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ يەردىكى سەھنە ياسىلىپ بولدى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئەسلىھەلىرىمۇ تەييارلىنىپ بولدى. بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، بۇ يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش رايونىدا 90 نەچچە مەيدان تۇنجى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ھەجىمى كېڭەيگەن يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش مەخسۇس رايونىدا تېخنىكا جابدۇقلىرى، ئىستېمال بۇيۇملىرى، داۋالاش مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن 150تىن ئارتۇق يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانا ئۆزلىرىنىڭ نەپىس تەسەۋۋۇرلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىدۇ.

  مەيلى يېڭى مەھسۇلاتلار تۇنجى ئېلان قىلىنىپ كۆرگەزمە قىلىنسۇن ياكى يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش مەخسۇس رايونىدا نامايان قىلىنسۇن، ئىمپورت كۆرگەزمىسى مىسلىسىز سالماق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا ئالقىش ياڭرىتىپ مەدەت بەرمەكتە.

  ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمى ئاستا بولۇۋاتىدۇ، قىيىنچىلىقلار كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىمپورت كۆرگەزمىسى، باغرىنى كەڭ ئاچقان جۇڭگو چوڭ بازىرى، ئېنىقكى، دۇنيا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشقا جۇڭگو كۈچىنى قوشىدۇ.

  − يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولغان «جۇڭگو بازىرى» دۇنيانى مەپتۇن قىلدى.

  1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس ئىچىدە، ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىدىكىلەر 400 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئۇدا كۆپ يىل يەرشارى بويىچە بىرىنچى چوڭ توردا پارچە سېتىش بازىرى بولدى، ھەر يىلى ئىمپورت قىلىنغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت قىممىتى تەخمىنەن 2.5 تىرىليون دوللارغا يەتتى − ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى يەرشارى بويىچە «ياخشى بۇيۇم»لىرىنى ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنى دەل يۈز مىليونلىغان كىشى گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىۋاتقان جۇڭگو چوڭ بازىرى.

  «جۇڭگو چوڭ بازىرى بىزنى مەپتۇن قىلدى. بىز بۇ يىل 170 خىلدىن ئارتۇق تاۋارنى ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە ئېلىپ كەلدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە %50تىن كۆپرەكى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ.» مەيدېلۇڭنىڭ جۇڭگو بازىرىغا مەسئۇل لىدىرى سەي تيەنلې مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى «تېخىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش»نى خالايدۇ، ئەزالار دۇكىنى ئەندىزىسى «قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى»گە ئىگە بولدى.

  «جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىدىكىلەر كۆپەيدى، ئىستېمال دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، بەزى كىچىك شەھەرلەرمۇ چوڭ سودا پۇرسىتىنى نامايان قىلدى، بۇ، بىزنىڭ جۇڭگو بازىرىنى چوڭقۇر ئېچىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.» لېگاۋ گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرى، جۇڭگو رايونى باش دىرېكتورى خۇاڭ گوچياڭ مۇنداق دېدى: ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، لېگاۋ گۇرۇھى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگودىكى 100دىن ئارتۇق شەھەردە 380دىن ئارتۇق دۇكان ئاچتى.

  − جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

  ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدىغان، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن تەڭ بەھرىلىنىدىغان سۇپا، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۆزىتىدىغان كۆزنەك.

  «يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.» سىمېنز داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چوڭ جۇڭخۇا رايونىنىڭ لىدىرى ۋاڭ خاۋ مۇنداق دېدى: ئۇدا بەش نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان سىمېنز داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھېس قىلدى، بۇ شىركەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 5G يىراق مۇساپىلىك ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، 5G فاڭساڭ ئاپتوموبىلىغا ئورنىتىلىدىغان CTنى ئېلىپ كەلدى ھەمدە 5G تېخنىكىسىنى چوڭ تىپتىكى سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مىكرو زەخىملىك كىرگۈزۈش ئوپېراتسىيەسى ساھەسىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قوللىنىشنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتى ۋە تېخنىكىسىنى جۇڭگودا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  قايتا قاتنىشىش نىسبىتى %90كە يېقىنلاشتى! بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە ساھە باشلامچى كارخانىلىرىدىن 280دىن ئارتۇقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن كارخانا 6 - نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. ئىمپورت كۆرگەزمىسى خۇددى بىر پارچە ماگنىتتەك جەلپ قىلىش كۈچىنى سىجىل قويۇپ بەردى.

  − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل ئىستىقبالى يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشتى.

  ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان خادىملار ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىغا ئۆزىنىڭ قاتناش شەكلى ۋە سەپەر ئارىلىقىنى تولدۇرۇپلا كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى بالانس قىلىش ۋە نېيتراللاشتۇرۇشنى تاماملىسا بولىدۇ، بۇ، بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ «يېشىل ئىزناسى».

  ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ «كاربونسىز ئىمپورت كۆرگەزمىسى، سولياۋسىز كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش» تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلەپلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى ھېس قىلالايدۇ.

  مەيلى كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار بولسۇن، ياكى سېتىۋېلىش كارخانىلىرى بولسۇن ھەممىسى ھاياجانغا چۆمدى، بۇ بىرنەچچە يىلدىكى ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، ئۇلار دۇنيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تېخنىكىلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە ھەر خىل مەيدان - سورۇنلاردا قوللىنىلغانلىقىنى ھېس قىلدى، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەرنى ئاڭلىدى.

  «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى بىزنى روھلاندۇردى، بىزگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى ھېس قىلدۇردى» دېدى بىماۋېينىڭ جۇڭگو ھەم ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى رەئىسى تاۋ كۇاڭچۇن.

  شاڭخەيدە باشلىنىپ، بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىمپورت كۆرگەزمىسى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم شۇنى ئېنىق بىلدۈردىكى: يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغان جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغىنى تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت ۋە تېخىمۇ گۈزەل بولغان پارلاق كەلگۈسى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ