11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ماداغاسقار زۇڭتۇڭى راجولىنا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - ماداغاسقار مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن جۇڭگو - ماداغاسقار مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ راجولىنا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن ماداغاسقارنىڭ دوستانە ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
راجولىنا مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ماداغاسقار بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. سەمىمىي، دوستانە بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا قوللاش ماداغاسقار - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى. ماداغاسقار تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان ماداغاسقار - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ