مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانداق ئەھۋالدا يادرو قورالى ئىشلىتىلىدۇ؟ رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىككى بارمىقىنى چىقاردى

2022.11.07 23:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ياكى دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ئاندىن يادرو قورالى ئىشلىتىدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە يادرو چوڭ دۆلەتلىرى ئارا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

  باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە يادرو چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»گە ئاساسەن، رۇسىيە خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  يادرو ئارقىلىق چۆچۈتۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش جەھەتتە، رۇسىيە يادرو ئۇرۇشى قوزغىماسلىق پىرىنسىپىغا قاتتىق ۋە ئىزچىل ئەمەل قىلىدۇ. يادرو ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يادرو ئۇرۇشىنى مەڭگۈ قوزغاشقا بولمايدۇ. رۇسىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق، يادرو قوراللىرى پەقەت مۇداپىئە خاراكتېرىگىلا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنى زىيادە چۈشەندۈرمەسلىك كېرەك. پەقەت كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ياكى ئادەتتىكى قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھەمدە دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتى تەھدىتكە ئۇچرىغاندىلا، رۇسىيە ئاندىن يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىدۇ.

  رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش ۋە چەكلەش، ئىستراتېگىيەلىك خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىش ۋە خەلقئارا توقۇنۇش ۋەقەلىرى يادرو ئۇرۇشى تەھدىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ساھەلەردە ھاسىل قىلىنغان ھازىرقى كېلىشىم ۋە ئەسلەتمىنى چىقىش قىلىپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى يادرو قورالى بار بەش دۆلەت رەھبەرلىرى ئېلان قىلغان يادرو ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىدىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتقا تولۇق ئەمەل قىلىشنى تەكىتلىدى. رۇسىيەنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ داۋالغۇش ۋەزىيىتىدە، يادرو چوڭ دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەرقانداق ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە.

  رۇسىيە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ بۇ جىددىي ۋەزىپىنى ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى، بىر-بىرىنىڭ مۇھىم مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش غەرىزىدىن ۋاز كېچىپ، بىۋاسىتە قوراللىق توقۇنۇشنىڭ گىرۋىكىدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار بىلەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا ئىلھام بېرىشتىن ۋاز كېچىشنى مۇراجىئەت قىلدى، بولمىسا ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  رۇسىيە مۆلچەرلىگىلى بولۇشقا ۋە يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، باراۋەرلىك، بىخەتەرلىكنى ئايرىۋەتمەسلىك ۋە ئۆزئارا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئويلىشىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ئاساسىدا، يېڭى، تېخىمۇ مۇقىم خەلقئارا خەۋپسىزلىك رامكىسى شەكىللەندۈرۈشنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ