مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تانزانىيەدە يولۇچىلار ئايروپىلانى كۆلگە چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 19 غا يەتتى

2022.11.07 11:17 مەنبە: خەلق تورى

  تانزانىيە زۇڭلىسى ماجالىۋا قاسىم ماجالىۋا 6- نويابىر مۇنداق دېدى: بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى تانزانىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كاگېرا ئۆلكىسىدىكى ۋىكتورىيە كۆلىگە چۈشۈپ كەتتى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 19غا يەتتى.

  ماجالىۋا شۇ كۈنى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈردى.

  كاگېرا ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپنىڭ مەسئۇلى مۇۋامپاگالى مۇنداق دېدى: يولۇچىلار ئايروپىلانى دارىسسالامدىن كاگېرا ئۆلكىسىنىڭ بۇكېبا ئايرودرومىغا ئۇچقان، قونۇشتىن بۇرۇن ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئايرودروم ئەتراپىدىكى ۋىكتورىيە كۆلىگە چۈشۈپ كەتكەن.

  ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلان تەۋە ئاۋىياتسىيە شىركىتى باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئايروپىلاندا 39 يولۇچى ۋە تۆت ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى. ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ تېخنىك خادىملىرى ۋە تانزانىيە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا باردى.

  كاگېرا ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇنداق دېدى: 26 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى. ھازىرچە ئايروپىلاندىكى ئەمەلىي ئادەم سانىنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى تىزىملاتقان ساندىن كۆپ ياكى كۆپ ئەمەسلىكىنى ياكى قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن يارىسى ئېغىر بولۇپ داۋالانمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ