مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە «مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش» توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ماسلاشمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2022.09.21 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  19-چېسلا، روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن قاماقتىكىلەرنى ئالماشتۇرۇش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييارلىنىپ بولدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ھازىرغىچە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلىمىدى،دېگەن.

  روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى «تېلېگرام» دا ئۇچۇر تارقىتىپ مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن«مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش» ئىشىنى مۇھاكىمە قىلىشقا تەييارلىنىپ بولغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى«ئالماشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى»،بەلكى تاراتقۇلار بىلەن ئالاقە قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  روسىيە تەرەپ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپ«ئاۋاز كۈچەيتكۈچ دىپلوماتىيەسى» دىن پايدىلىنىپ«مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش» سۆھبىتىنى ئىلاجىسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى،بىز ئامېرىكا تەرەپنى رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشكە دەۋەت قىلىمىز. رۇسىيە تەرەپنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىغا قارىتا، ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى تېخى ئىنكاس قايتۇرمىغان.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى«بىرنى ئىككىگە ئالماشتۇرۇش» نى، يەنى روسىيە ئامېرىكا ئايال ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى بلاننى گرىنا ۋە دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ سابىق ئەزاسى پائۇل ۋىلاند ئىككەيلەننى قويۇپ بەرسە، ئامېرىكا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان رۇسىيە ھەربىي قورال-ياراغ سودىگىرى ۋىكتور بۇتتېرنى قويۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. رۇسىيە «ئىككىگە ئىككىنى ئالماشتۇرۇپ»، رۇسىيە پۇقراسى ۋادىم كراسىكوۋنى قويۇپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان.

  گرىنا بۇ يىل 2-ئايدا نيۇيوركتىن موسكۋاغا يېتىپ كەلگەندە تۇتۇپ تۇرۇلغان، ساقچىلار ئۇنىڭ يۈك-تاقلىرىدىن تەركىبىدە كەندىر يېغى بولغان ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى بايقىغان، روسىيە سوت مەھكىمىسى 8-ئايدا گرىناغا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن كېسىم چىقىرىپ، توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ھەمدە بىر مىليون رۇبلى (تەخمىنەن 17 مىڭ دوللار) جەرىمانە قويغان. ۋىلان 2018-يىل 12-ئايدا موسكۋادا قولغا ئېلىنغان، رۇسىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 2020-يىل 6-ئايدا ئۇنى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

  بۇتتېر بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال-ياراغنى قانۇنسىز سېتىش جىنايىتى بىلەن 2012-يىلى ئامېرىكىدا 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كىراسكوۋ بۇلتۇر 12-ئايدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن گېرمانىيەدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

   مەنبە: خەلق تورى



مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ