مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: كەلگۈسىدە يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇم دولقۇنى پەيدا بولىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلىشى كېرەك

2022.09.16 14:00 مەنبە: خەلق تورى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە پۈتۈن دۇنيادا ھەر ھەپتىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس تۈپەيلى يېڭىدىن ئۆلگەنلەر سانى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە يەنىلا يېڭى يۇقۇم دولقۇنى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر جەزمەن يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق يۇقۇم ئەھۋالى خەۋپ ـ خەتىرى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك.


  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ھەپتىلىك تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى دوكلاتىغا قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، پۈتۈن دۇنيادا يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار 3 مىليون 100 مىڭدىن ئېشىپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن % 28 تۆۋەنلىگەن، يېڭىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بىمار تەخمىنەن 11 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن % 22 تۆۋەنلىگەن.


  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي (تېدروس ئادانوم گېبرېيېسۇس) شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ھەپتە، ھەر قايسى دۆلەتلەر دوكلات قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدا ئۆلگەن بىمار سانى 2020-يىل 3-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەۋزەل ئورۇندا تۇرۇۋاتىمىز».


  تەن دېسەي يەنە مۇنداق دېدى: «بىز تېخى غەلىبىگە ئېرىشمىدۇق، بىراق ئاخىرقى نۇقتا كۆز ئالدىمىزدىلا. لېكىن مارافونچە يۈگۈرۈش ماھىرى ئاخىرقى نۇقتىنى كۆرگەندە ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ، بەلكى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ يۈگۈرەيدۇ. ھازىر تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، ئاخىرقى پەللىدىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزگە ئېرىشىشىمىز كېرەك».


  ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان كۈز، قىش پەسلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، كەلگۈسىدە يەنە يېڭى يۇقۇملىنىش دولقۇنى كۆرۈلۈشى مۇمكىن دەپ قارىدى ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاشقا دەۋەت قىلدى.




  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ