مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېنگالدىكى كونتېينېر مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 45 كە يەتتى

2022.06.06 22:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېنگال ئەمەلدارىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېيتىشىچە، بېنگالدىكى پورت رايونىدا 6-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن كونتېينېر دۆۋىلەش مەيدانىدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 45 كە يەتكەن، 153 ئادەم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان. نۆۋەتتە ئوت تېخى تولۇق ئۆچۈرۈلمىدى.

  شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، قازا قىلغانلارنىڭ ئالتىسى ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشقان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئىكەن.

  بېنگال زۇڭتۇڭى خەمىد، زۇڭلى خاسىنا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن ھال سورىدى. خاسىنا ئالاقىدار تارماقلاردىن يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالاپ، ئوتنى تېز تىزگىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

  شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتى دەسلەپتە خىمىيەۋى بۇيۇملار ساقلانغان كونتېينېردىن باشلانغان بولۇپ، ئوت باشقا خىمىيەۋى بۇيۇملار قاچىلانغان كونتېينېرلارغا ئوت تۇتاشتۇرغان ھەمدە پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، پارتلاش دۆۋىلەش مەيدانى ئەتراپىدىكى ئىمارەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ھەربىيلەر نەق مەيدانغا بېرىپ ئوت ئۆچۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ