مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئامېرىكا قاتارلىق 10 دۆلەتكە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇردى

2021.10.27 10:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 25-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق 10 دۆلەتكە بەرگەن جاۋابى كرىزىس پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن.

  ئەردوغان شۇ كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە ئىچكى كابىنېت يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قاتارلىق ئون دۆلەتنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ 18- ئۆكتەبىر ئوسمان كاۋالا ۋەقەسى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتى تۈركىيەنىڭ ئەدلىيە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا بىۋاسىتە قارىتىلغان، تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئىنكاسى كرىزىس پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ قانۇنى، شان-شەرىپى، مەنپەئەتى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.

  ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيە 10 دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئەدلىيە ئورگانلىرىدىن گۇمانلىنىشىغا يول قويمايدۇ، دۆلەت باشلىقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى ئارقىلىق بۇ خىل ھۆرمەتسىز مۇداخىلە قىلمىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ 25-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى باياناتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 25-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا «ۋيېنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەھدىنامىسى»نىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا، تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رېئايە قىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئارقىدىنلا ئامېرىكا تەرەپنىڭ باياناتىنى تارقاتقان ۋە مەزمۇنى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بايانات ئېلان قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ