مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىدا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئايروپىلاندىكى 21 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئامان قالدى

2021.10.20 11:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېكساس ئىشتاتىدا 19-ئۆكتەبىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئايروپىلاندىكى 21 ئادەمنىڭ ھەممىسى بەختكە يارىشائامان قالدى، ئىككەيلەن يېنىك يارىلاندى.

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 19-ئۆكتەبىر سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، MD-87 (McDonnell Douglas) تىپلىق ئايروپىلان تېكساس ئىشتاتىنىڭ خيۇستون مەمۇرىيىتى ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچقان،ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر تال توك سىمىغا سوقۇلۇپ، ئەتراپتىكى ئېتىزلىققا چۈشۈپ كەتكەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئايرۇپىلاندىكى 18 يولۇچى ۋە 3 ئايروپىلان خادىمى بىخەتەر چېكىنگەن، ئۇلارنىڭ ئىككىسى يېنىك يارىلانغان، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ داۋالانغان ھەمدە ئۇزاق ئۆتمەيلا دوختۇرخانىدىن چىققان. ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوت كەتكەن بولۇپ، چىققان قويۇق ئىسنى نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىنمۇ كۆرگىلى بولاتتى، ئارقىدىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوتنى ئۆچۈرگەن.

  شۇ جايدىكى ئېنىرگىيە شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئايروپىلاننىڭ توك سىمىغا سوقۇلىشى يېقىن ئەتراپتىكى رايونلاردا قىسقا ۋاقىت توك توختاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، 1800 دىن ئارتۇق ئابونت تەسىرگە ئۇچرىغان، نۆۋەتتە بۇ رايوننىڭ توك بىلەن تەمىنلىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلگەن.بۇ ۋەقەنىڭ كونكرېت سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئامېرىكا دۆلەت ترانسپورت بىخەتەرلىكى كومىتېتى بۇ ۋەقەنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ