مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ «شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ ئىنگلىزچە كىتابچىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.10.15 09:16 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان شى جىنپىڭنىڭ «شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ ئىنگلىزچە كىتابچىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىر - تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ «شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىدە شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، خۇلاسىلەندى، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئىلھامى چوڭقۇر شەرھلەندى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىرادە ۋە قەتئىي غەيرەت تەنتەنىلىك جاكارلاندى. بۇ مۇھىم سۆزنىڭ ئىنگلىزچە كىتابچىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقى ئېلىپ بارغان جاپالىق كۈرەش، ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت، كۈتۈۋالغان مىللەتنى گۈللەندۈرۈش پارلاق ئىستىقبالىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ