مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

2021.10.14 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 11-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۈننەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

  خەن جېڭ ديەنچى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ، يۈننەننىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئەمەلىيىتى ۋە نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۇنمىڭ ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ، چوڭ پارنىك، ئۇرۇقچىلىق مۇزېيىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەتقىق قىلىش ۋە قوغداش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. يۈننەننىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۈننەننىڭ تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل، ئېكولوگىيەلىك ئورنى مۇھىم، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش زور قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ مۇھىم جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى خەزىنىسىنى تىرىشىپ ياخشى قوغداش كېرەك. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى ۋە ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىيو بايلىق ئېھتىياجى ۋە پەن تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇرۇق بايلىقىنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، مول ياۋا ئۆسۈملۈك ئۇرۇق بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  ديەنچى كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى باۋفېڭ سۇلۇق يېرىدە، خەن جېڭ ديەنچى كۆلى سۇلۇق يېرى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش-تۈزەش خىزمىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ديەنچى كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ديەنچى كۆلى يۈننەندىكى «ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىت»، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، ئاۋۋال بۇلغاپ، كېيىن تۈزەشتەك كونا يولدا مېڭىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ديەنچى كۆلى قىرغىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، يىرىك پىلان ۋە قانۇن چىقىرىشنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ديەنچى كۆلىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش، ياخشى تۈزەش كېرەك. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى چىقىش قىلىپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ كۆل بويىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  خەن جېڭ «رەقەملىك يۈننەن» كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ، رەقەملىك يۈننەن قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، رەقەملىك ئېنېرگىيە، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى، ئەقلىي مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى نۇقتىلىق ئاڭلىدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈننەن مول يېشىل ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىگە، يېشىل ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە چىقىرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۈچەپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى ئىلمىي بېكىتىپ ۋە قاتتىق ساقلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ رەقەملىك تېخنىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ مۇھىتنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بۇلغىنىشنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۈننەننىڭ مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، غەربىي جەنۇب ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ