مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.10.12 21:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 11-ئۆكتەبىر يۈننەن كۇنمىڭدا «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تۈزەشكە چوڭقۇر قاتنىشىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش زور قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسى، جانلىقلار تۈرى ۋە جانلىقلار ئىرسىيەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوغدايمىز. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا دائىر تەشۋىق-تەربىيە ۋە بىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئاممىنى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەيمىز.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ساھىبخان دۆلەتلىك مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، رەئىس دۆلەتلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭ، سالمىقى بار، ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان ئورتاق تونۇش ۋە ھەرىكەت رامكىسى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تۈزەشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرگە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يۈكسەك ئىرادىنى ئۇرغۇتۇش. كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك ئىرادە ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇش يولىدا مېڭىپ، 2020-يىلىدىن كېيىنكى ھەرىكەت نىشانىنى ئىلمىي بېكىتىش كېرەك. ئىككىنچى، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، بايلىقنى تەڭشەش. تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە سىجىل پايدىلىنىشقا تېخىمۇ زور مەدەت بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، ئۈنۈمنى ماس ئاشۇرۇش. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تەرەققىيات تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەبىئەت ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يوقىلىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق دۇنياۋى مۇھىت خىرىسىغا ماسلىشىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى: يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇش». كېلىشىم تۈزۈشكەن 140 تىن ئارتۇق تەرەپ ۋە 30 دىن ئارتۇق خەلقئارا ئاپپارات ۋە تەشكىلاتتىن كەلگەن جەمئىي 5000 دىن ئارتۇق ۋەكىل توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ