مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.10.11 19:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە يېقىن قوشنىلار، «قوشنا ئەللەر بىلەن ئىناق، دوستانە ئۆتۈش دۆلەتكە نىسبەتەن ئەڭگۈشتەردۇر». جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئاسىيا، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. نۆۋەتتە جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت. جۇڭگو ياپونىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ياپونىيە بىلەن سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىش، كەلگۈسىنى يارىتىش روھى بويىچە، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو-ياپونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى قايتا ئەسلەپ، بىر-بىرىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، بۇ مۇھىم تارىخىي تۈگۈننى ئورتاق كۈتۈۋېلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن تۈرلۈك پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «بىر-بىرىنى ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ بىلىش، بىر-بىرىگە تەھدىت سالماسلىق»تەك سىياسىي ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تارىخقا، تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك زور سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىختىلاپلارنى ياخشى تىزگىنلەپ، توغرا يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى ۋە ئومۇمىيىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئالاقىسى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ ئىناق ئۆتۈش، ئەمما پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتەك شەرقىي ئاسىيا ئەقىل-پاراسىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا ماسلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغدىشى كېرەك. ياپونىيەنىڭ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، ياپونىيەنىڭ كېلەر يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە، ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويماقتا. ياپونىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىن مۇھىم ئىلھام ئېلىپ، كېلەر يىلى ياپونىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىجابىي، مۇقىم بولغان ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىختىلاپنى سۆھبەت ئارقىلىق تىزگىنلىشى كېرەك. ياپونىيە جۇڭگو بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئەلئارا ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. ياپونىيە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ناھايىتى ۋاقتىدا، ئىنتايىن مۇھىم دەپ قاراپ، داۋاملىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشكە قوشۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ