مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ مەملىكەت بويىچە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2021.10.08 18:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 28-سېنتەبىر مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىغا بېرىپ، «پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى چېگرا رايوننى يورۇتتى، ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى پارتىيەگە تەلپۈندى — مەملىكەت بويىچە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى»نى كۆردى.

  ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا، ۋاڭ ياڭ كۆرگەزمىنى تەپسىلىي كۆردى، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئارىلاپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش — مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش جەھەتتىكى خىزمەتلەر پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، چېگرا رايون، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»تەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى تېپىپ چىققانلىقىمىزنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە چېگرانى مۇستەھكەملەش، چېگرانى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ پەرقلىق رايون قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز، يەرلىك ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. چېگرانى مۇستەھكەملەش، چېگرانى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، چېگرا رايون، مىللىي رايونلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر بولۇپ، كۆرگەزمىنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان.

  سۈن چۈنلەن، ساۋ جيەنمىڭ، باتېر ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى جاڭ شېڭمىن كۆرگەزمىنى بىرلىكتە كۆردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ