مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 7–نۆۋەتلىك 20 دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

2021.10.09 09:51 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 10–ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 7-نۆۋەتلىك 20 دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا سىنلىق قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قايتا-قايتا يامراۋاتىدۇ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن گىرەلىشىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، مىسلىسىز دۇنياۋى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «خەلق» بولۇپ، دەل ۋاقتىدا بولدى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، زور دۇنياۋى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئۆزگىچە، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  لى جەنشۇ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۈچ تەكلىپ بەردى. بىرىنچى، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمغا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتى، قىممىتى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئاچقۇچلۇق ماددىي ئەشيا، ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ۋاكسىنىنى ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتى قىلىپ، ۋاكسىنىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىدى، پۈتۈن بىر يىلدا سىرتنى 2 مىليارد ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىدۇ. سىياسىينى ئىلىم پەندىن ئۈستۈن قويۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئىككىنچى، كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام يەر شارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ 76-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى تەكىتلىدى. تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك جانلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش كېرەك. ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. خەلقنى مەركەز قىلىش باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى. جۇڭگو ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو داۋاملىق ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تۈرلۈك خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

  20 دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى 2010 - يىلى باشلانغان بولۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى قاتلىمىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپا. بۇ قېتىمقى يىغىن 10–ئاينىڭ 7– كۈنىدىن 8–كۈنىگىچە ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە تور ۋە تور سىرتىدا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى، ئىتالىيە زۇڭلىسى دىراگى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى كاسېللاتى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى فىكو ۋە ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى پاچېكو، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىننىڭ باش تېمىسى «پارلامېنت __ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، يەر شارىنى كۆزلەيدۇ، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر «يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان جەمئىيەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش»، «ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئاساسىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى قايتا باشلاش»، «كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى» قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ