مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى توك ۋە كۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا يەنىمۇكاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى (لايىھە)سى» ماقۇللاندى

2021.10.11 10:37 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 10–ئاينىڭ 8–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى توك ۋە كۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا يەنىمۇكاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى (لايىھە)سى» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا بازاردا ئېنېرگىيە باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆمۈرنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجى سىجىل جىددىيلەشتى، كۆپ خىل ئامىللار سەۋەبىدىن يېقىندا بەزى جايلاردا توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇلۇپ، نورمال ئىقتىسادىي ھەرىكەت ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى. ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېنېرگىيە تەمىناتى كاپالىتىنى كۈچەيتتى. بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا توك، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياج بېسىمى يەنىلا بىرقەدەر ئېغىر بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى، كۆمۈر، توك، نېفىت، گاز توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە ئىسلاھات تەدبىرلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە كۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە قىشلىق ئىسسىنىش ئېنېرگىيەسىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، توك چىقىرىش، پار بېرىش، كۆمۈر ئىشلىتىش، بولۇپمۇ شەرقىي شىمال رايونىنىڭ قىشتا كۆمۈر ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان گاز تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە «جەنۇبنىڭ گازىنى شىمالغا يەتكۈزۈش»نى تەشكىللەپ، شىمالدىكى رايونلارنىڭ ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان گازنى كۆپەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېزدىن قويۇپ بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان ھەمدە ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەن ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنىدىغان كۆمۈر كانلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تۈزىتىشى، ئىشلەپچىقىرىشنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى كۆمۈر توشۇشقا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈرنى ئېھتىياجلىق جايلارغا ۋاقتىدا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، كۆمۈر ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. كۆمۈر ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ باسقۇچلۇق باج تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كۆمۈر ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ كۆمۈر سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، كۆمۈر، توك باھاسىنى بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۆمۈر قالاپ توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ ھەممىسىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىغا كىرگۈزۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالە، يېزا ئىگىلىكى، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بازار سودىسىدىكى توك باھاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئۆرلەش دائىرىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %10، %15تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكتىن پىرىنسىپ جەھەتتە %20تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە تەڭشەش ھەم تۈرگە ئايرىپ تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كەسىپلەردە بازار سودىسى ئارقىلىق باھا شەكىللەندۈرۈشكە بولىدۇ، %20 ئۆرلىتىش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. جايلارنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ توك ئىشلىتىشىگە قارىتا باسقۇچلۇق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. بەشىنچى، قۇملۇق، باياۋان، چۆل-جەزىرە رايونلاردىكى چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس توك مەنبەسى ۋە چوققا تەڭشەش توك مەنبەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. كۆمۈر، تەبىئىي گاز، نېفىت زاپىسى ۋە ئېنېرگىيە ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، «ئىككى يۇقىرى» تۈرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. يەرلىكنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىغا كىرگۈزۈلمەسلىككە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسلىق كۆمۈر سەرپ قىلىدىغان ساھەلەردە كۆمۈردىن تېجەشلىك پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرتىپلىك توك ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، بەزى جايلارنىڭ «بىر تاياقتا ھەيدەپ» ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش، ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇش ياكى «ھەرىكەت شەكلى»دە كاربون ئازايتىشىنى تۈزىتىپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك. ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكە ۋە نۇقتىلىق كۆمۈر كارخانىلىرى تەلەپ بويىچە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەركەزلىك توك تارقىتىش كارخانىلىرىغا قاراشلىق ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ توك تارقىتىشقا تېگىشلىكلىرى تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى (لايىھە)سى» ماقۇللاندى. لايىھەدە ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قاتارلىق تۈزۈم-بەلگىلىمىلەر گەۋدىلىك كۈچەيتىلىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق بېكىتىلدى. يىغىندا لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ