شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

2021.10.14 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  13-ئۆكتەبىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئۆكتەبىر گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ دوستانە كەيپىياتتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مېركىلنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: « ئۆزئارا تونۇشۇشتا، مۇھىمى ئۆزئارا چۈشىنىش كېرەك؛ بىر-بىرىنى چۈشىنىشتە مۇھىمى قارشى تەرەپنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى چۈشىنىش كېرەك». بۇ سۆز ھەم بىزنىڭ كۆپ يىللىق چوڭقۇر ئالاقىمىزنىڭ ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى، ھەم ئۆتكەن 16 يىلدىن بۇيان جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشتىكى مۇھىم تەجرىبە. جۇڭگولۇقلار دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىز قەدىناس دوستلارنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى ھەر ۋاقىت سىزگە ئوچۇق. سىزنىڭ جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى ۋە قوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا كۆپ قېتىم چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىشىپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش روھى بويىچە ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ياخشى تەرەققىي قىلسا، دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ. بۇ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا نۆل يىغىندىلىق تىركىشىشتىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، بۇ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىدە پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئاساسىي رىتىم. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشىدا توغرا يۆنىلىشنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، يېشىل ۋە رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ئەمەلىي ھەمكارلىق يېڭى ساھەسىنى پائال ئېچىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىش جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئورتاق مەنپەئەتى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپتىن چوڭ دەپ قارايدۇ. نۆۋەتتە يەر شارى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دۇنياۋى مەسىلىلەر ۋە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كەڭ نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، بىر-بىرىنى ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، پەرق ۋە ئىختىلاپلارنى ئاقىلانە، تىنچ، ئىجابىي بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ياۋروپانىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، جۇڭگو ۋە باشقا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئەسىرلىك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىزنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ھەر قېتىملىق ئالاقىمىز ھېلىمۇ ئېسىمدە. بىز ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ياۋروپا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مەن گېرمانىيە زۇڭلىسى بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو تېز تەرەققىي قىلدى، دۆلەت كۈچى بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. مەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەرق ۋە ئىختىلاپ مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەردە سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتسە بولىدۇ، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تۈرلۈك مۇرەككەپ ئامىللارنى يېڭىپ، داۋاملىق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. گېرمانىيە جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. مەن گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن داۋاملىق پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ