شى جىنپىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى تەكىتلىدى

2021.10.13 20:15 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىن شەكلىدە كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  ■ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يەر شارىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاساسى. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەر شارىنى قوغداش، ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. كۇنمىڭ «جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى كەلگۈسىدە يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن نىشان بېكىتىپ، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ■ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاش كېرەك. بىز تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان يەر شارى ماكانىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھەم تەبىئىي بايلىق، ھەم ئىقتىسادىي بايلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشتا تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد بىلەن مۇھىت ماس ئىلگىرىلەيدىغان يەر شارى ماكانى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى تەرەققىياتىغا سايە تاشلىدى. ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت قوش ۋەزىپە ئالدىدا بىز ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى، ياخشى ئېكولوگىيەدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يەر شارى ماكانىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  ■ بىز خىرىسقا تولغان، ئۈمىدكە تولغان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. ئورتاق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن بىز قول تۇتۇشۇپ بىللە مېڭىپ، ئىنسانىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تۈرتكە قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. ئۈچىنچى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى مەركەز قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. تۆتىنچى، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلىپ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى قوغداش لازىم.

  ■ جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرىلىك يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرىدۇ.

  ■ ئادەم تاغقا يۈز كېلەلىسە، تاغمۇ ئادەمگە يۈز كېلەلەيدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشى. بىز قول تۇتۇشۇپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلايلى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سىن شەكلىدە كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 2-بېتىدە).

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يەر شارىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەر شارىنى قوغداش، ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. كۇنمىڭ «جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى كەلگۈسىدە يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن نىشان بېكىتىپ، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشى كېرەك. بىز تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان يەر شارى ماكانىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھەم تەبىئىي بايلىق، ھەم ئىقتىسادىي بايلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشتا تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد بىلەن مۇھىت ماس ئىلگىرىلەيدىغان يەر شارى ماكانى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى تەرەققىياتىغا سايە تاشلىدى. ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت قوش ۋەزىپە ئالدىدا بىز ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى، ياخشى ئېكولوگىيەدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يەر شارى ماكانىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز خىرىسقا تولغان، شۇنداقلا ئۈمىدكە تولغان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. بىزنىڭ ئورتاق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن، بىز قول تۇتۇشۇپ بىللە مېڭىپ، ئىنسانىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. سانائەت مەدەنىيلىكى ئېلىپ كەلگەن زىددىيەتنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىنسانىيەت پائالىيىتىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چەك ئىچىدە چەكلەپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تۈرتكە قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغدا غايەت زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. يېشىل خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى مەركەز قىلىپ ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مۇھىتنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى قوغداش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارا قائىدىگە ئۈنۈملۈك رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش كېرەك. يېڭى مۇھىت ئاسراش نىشانىنى بېكىتىشتە يۈكسەك ئىرادە ۋە ئەمەلىي تەڭپۇڭلۇققا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرىلىك يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو ئالدى بىلەن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، كۇنمىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش فوندى قۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىشلىرىنى قوللايدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ فوند ئۈچۈن مەبلەغ چىقىرىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ ۋە قارشى ئالىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەت باغچىسىنى سۇبيېكت قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئەڭ مۇھىم، تەبىئىي مەنزىرىسى ئەڭ ئۆزگىچە، تەبىئىي مىراسلار ئەڭ سەرخىل، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مول رايونلارنى تەدرىجىي ھالدا دۆلەت باغچىسى سىستېمىسىغا كىرگۈزدى. جۇڭگو كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، نۇقتىلىق ساھە ۋە كەسىپلەردە كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە بىر قاتار تايانچ كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنىڭ <بىر + N> سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىلمە ئېنېرگىيەنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، قۇملۇق، چۆللۈك ۋە قاقاس رايونلاردا چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازا تۈرى قۇرۇشنى تېز پىلانلاپ قۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبىئەتكە قىلساڭ مېھنەت، تەبىئەتمۇ قىلار ھىممەت. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشى. قول تۇتۇشۇپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقايلى!

  «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 10– ئاينىڭ 12–كۈنى كۈنمىڭدا تور ئىچى ۋە سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئېچىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، كوستارىكا زۇڭتۇڭى ئالۋارادو، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپپاروۋ، پاپۇا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ زۇڭلىسى ماراپې، ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز قاتارلىقلار سىن شەكلىدە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ