خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىرغىزىستان جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى 17-ئاۋغۇست بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىدا شۇ كۈنى ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە ئادەم قازا قىلىپ، ئون نەچچە ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ۋەقە ئىسسىقكۆل ئوبلاستىدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈز بەرگەن. بىر مىنىبۇس بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىپ، بەش ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان، ئىككى ئادەم دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، يەنە 10 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغان.
قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتناش بىخەتەرلىكى باش ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۈك ئاپتوموبىلى بۇرۇلغاندا تورمۇز تۇتمىغانلىقتىن بۇ ۋەقە كېلىپ چىققان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ