مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئافغانىستاندىكى تالىبانلار سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

2021.08.18 13:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى زەبىئۇللا مۇجاھىد 17- فېۋرال ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندا سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇجاھىد شۇ كۈنى تالىبانلارنىڭ كابۇلغا كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافغانىستان كەلگۈسىدە كۈچلۈك ئىسلام ھۆكۈمىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھازىر يېڭى ھۆكۈمەت نامى ۋە ئۇنى تەشكىللەش ئۈستىدە كېڭىشىۋاتىمىز. تالىبان ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تالىبان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋە خەۋپسىزلىك قىسىمىنىڭ ئەزالىرىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ھېچقانداق ئادەمدىن ئۆچ ئالمايدۇ.

  مۇجاھىد يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كابۇل ۋەزىيىتى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. تالىبان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى داۋاملىق ساقلايدۇ. ئافغانىستان ئەمدى ئەپيۈن تېرىش ۋە زەھەر سودىسى مەركىزى ئەمەس، ئافغانىستاننى تەبىئىي بايلىقىمىزدىن پايدىلىنىپ قايتاقۇرۇپ چىقىمىز. ئاياللار جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، تالىبان ئاياللارنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشىگە يول قويىدۇ ھەمدە ئىسلام دىنى پرىنسىپى دائىرىسىدىكى بارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىشىغا يول قويىدۇ.

  مۇجاھىد يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق، تالىبانلار چەتئەلنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى. ئافغانىستان خەلقنىڭ قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق بولۇپلا قالماي يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالىبان پۈتۈن دۇنياغا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ.

  شۇ كۈنى، ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ قاتار پايتەختى دوھادا تۇرۇشلۇق سىياسىي ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد نەئىم ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تالىبان سىياسىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، تالىباننىڭ دوھادا تۇرۇشلۇق سىياسىي ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇل غەنى بەرادەر شۇ كۈنى دوھادىن ئايرىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى قەندىھارغا يېتىپ باردى.

  قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قاتارنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەد 17-چېسلا دوھادا بەرادەر باشچىلىقىدىكى تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ ئافغانىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك سىياسىي يارىشىش ۋە ھوقۇقنىڭ تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە قوشۇلغان. ئافغانىستان زۇڭتۇڭى ئەشرەف غەنى 15- چېسلا ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. نەئىم شۇ كۈنى تالىبان قوراللىق خادىملىرىنىڭ كابۇلغا كىرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى كونترول قىلىپ، «ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى» جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ