1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا، بىر ئايال مۇساپىرلارنىڭ كىيىدىغان ئايىغى بولمىغانلىقتىن، ئىككى پۇتى قاردا توڭلاپ قىزىرىپ كەتتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ماكانسىزلار يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، تۇرىدىغان جاي قاتارلىقلار كەمچىل بولغانلىقتىن، قىش كىرگەندىن بۇيان ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا ئومۇميۈزلۈك دۇچ كەلگەن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى بويىچە ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى ھەر خىل قوراللىق توقۇنۇش، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋالغۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئافغانىستاندا مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 343 مىڭ ئادەم ماكانسىز قالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى