ئارگېنتىنا Infobae تورىنىڭ 23-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 23-ئىيۇن سەھەردە مېكسىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر كەنتتىكى ساناتورىيەگە ئوت كېتىپ، 16 ياشانغان كىشى قازا قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتى 23-ئىيۇن سەھەردە يۈز بەرگەن، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 15 نەپەر ياشانغان كىشى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان، بىرەيلەن دوختۇرخانىغا بارغۇچە قازا قىلغان. نۆۋەتتە بەش نەپەر ياشانغان كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ، 23 نەپەر كىشى خەتەردىن قۇتۇلغان.