سۈرەتتە: شۇيەر ۋاقتى 1-ئىيۇن، كورېيەنىڭ سېئول شەھىرىدە، دۆلەت داۋالاش مەركىزىدىكى تېببىي خادىملار.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيەدە ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسىلى MERS بىمارىدىن يېڭىدىن ئۈچ ئادەم كۆپىيىپ ئومۇمىي سانى 18 گە يەتكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە بۇ ئۈچ نەپەر يېڭى بىمارنىڭ ھەممىسى كورىيەدە بايقالغان تۇنجى بىمار بىلەن ئۇچىراشقان بولۇپ يېشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 40، 45 ۋە 77 ياش.
كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە يۇقىرىقى بىمارلارنىڭ ھەممىسى ئىككىنچى قېتىم يۇقۇملانغان، ھازىرچە كورىيەدە ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسىلى بىلەن ئۈچۈنچى قېتىم يۇقىملانغان كىشى يوق.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى