باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتتى

2012.12.04 16:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3-نويابىر ئىسرائىلىيەنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ ، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي يېرۇسالېمدا يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى تەستىقلىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

  ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان زېمىن گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى ئوينىلىۋېتىپتۇ. فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى بۇ تاراتقۇلارنىڭ قۇرۇق گېپى دېدى. ئۇ فىرانسىيە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق قارشى تۇرۇش پىكرىنى بايان قىلىدۇ،دېدى.

  فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس 1- دېكابىر ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانىنى يولغا قويماسلىقىنى مۇراجەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يېڭىدىن يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇش پىلانى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى ھەل قىلىشقا ئېغىر توسالغۇ بولىدۇ، پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش ئىشەنچىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

  مەنبە جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە