باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

10 چوڭ شەھەردىكى ئۆي باھاسىدا بۇ يىلنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم «قوش ئۆسۈش» ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، مۆلچەرلەنگەن ئۆسۈش بېسىمى ئېشىپ كەتتى

2012.12.04 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كۆرسەتكۈچ سان تەتقىقاتخانىسى 3-چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدا يۈز شەھەردىكى تۇرالغۇ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ زەرنجىرسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى ئۇدا ئالتە ئاي ئۆرلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 10 چوڭ نۇقتىلىق شەھەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆتكەن ئوخشاش مەزگىلدىكى نىسبىتى، زەرنجىرسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتىدە بۇ يىلدىن بۇيانقى قوش ئۆسۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، قىسمەن نۇقتىلىق شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسى تەڭشەشتىن ئىلگىرى چاغدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

  «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كەسپىي خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىل ئاخىرىغا يېقىن نۇرغۇنلىغان ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرى يىللىق سىتېش مىقدارىنى تامامىلدى ياكى تاماملاش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۆي باھاسىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتەلىك ئەمەس، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سىياسەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىنىڭ كۆزلىمىسىمۇ ئاجىزلاپ قالدى، شۇڭا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بېسىمى ئېشىپ بارماقتا.

مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە