باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئايال رىياسەتچى» پاش قىلغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2012.12.04 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر خاربىندىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 3-چېسلا خاربىن شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، «ئايال رىياسەتچى» پاش قىلغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۈن دېجياڭ پاش قىلىنىپ 10 كۈن ئىچىدىلا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان، ئۇنىڭ شۇاڭچېڭ شەھەرلىك سانائەت باش شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىمۇ بىكار قىلىنغان.

  ئۆزىنى شۇاڭچېڭ شەھىرىدىكى «ئايال رىياسەتچى» دەپ ئاتىۋالغان ۋاڭ دېچۈن 23-نويابىر مىكرو بىلوگىدا سۈن دېجياڭنى پاش قىلىپ، سۈن دېجياڭنىڭ ئۆزىنى تەھدىت ئارقىلىق غەيرى مۇناسىۋەتتە بولۇشقا زورلىغانلىقىنى ئېيتقان، يەنە سۈن دېجياڭنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتەك قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان.

  24-نويابىر، شۇاڭچېڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، سۈن دېجياڭنىڭ دۆلەت مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىدا قائىدە-ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەر بايقالغان؛ 26-نويابىر، شۇاڭچېڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سۈن دېجياڭنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان، شۇاڭچېڭ شەھەرلىك پارتكوم سۈن دېجياڭنى خىزمەتتىن توختىتىپ، تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سۈن دېجياڭنىڭ ۋاڭ دېچۈننىڭ ئانىسىنى يالغاندىن پېنسىيەگە چىقىرىپ قويغانلىقىدەك ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بايقالغان.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، 1-دېكابىر، شۇاڭچېڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سۈن دېجياڭنىڭ شۇاڭچېڭ شەھەرلىك 7-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان. 3-دېكابىر، شۇاڭچېڭ شەھەرلىك پارتكوم مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، سۈن دېجياڭنىڭ شۇاڭچېڭ شەھەرلىك سانائەت باش شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېىلىپ تاشلاشنى قارار قىلغان.

  ئۇندىن باشقا، ۋاڭ دېچۈن پاش قىلغان «سۈن دېجياڭنىڭ بېسىم ئارقىلىق غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولۇشقا زورلاش» مەسىلىسىگە قارىتا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىقمۇ ۋاڭ دېچۈن بىلەن ئالاقىلىشالمىغاچقا، ئېنىقلاشقا ئامالسىز قالغان، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى داۋاملىق ئىچكىرىلەپ تەكشۈرىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە