- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ 12-ئايدا روياپقا چىقىشىدىن ئۈمىد بار
2012.12.04 16:36 مەنبە: خەلق تورى
2004-يىلىدىن باشلاپ تۈزۈلۈشكە باشلىغان كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسىنىڭ بۇ يىل 12-ئايدا روياپقا چىقىشىدىن ئۈمىد بار.
ئۇزۇن يىل تەييارلانغان لايىھەگە خەلق ئاممىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارزۇلىرى يۈكلەنگەن، لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە بۇ لايىھە نۆۋەتتىكى نامرات-بايلىق پەرقى ۋە كىرىم تەقسىماتىدىكى ئادىلسىزلىقنى ھەل قىلدىغان كونكرېت لايىھە ئەمەس، بەلكى پىرىنسىپلىق، رامكا شەكلىدىكى بىر لايىھە ئىكەن.
كىرىم تەقسىماتى مالىيە، باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، ئۇنداقتا كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتى لايىھەسى بىلەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتى قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ چەك-چېگراسى قانداق ئاجرىتىلىدۇ؟ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئىقتىسادشۇناس گۇ شېڭزۇ «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى»غا ئۇچۇق-يۇرۇقلۇق بىلەن «بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇرەككەپ» دېدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە