- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
غەيرىي بېيجىڭ نوپۇسىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار توردا تىزىملىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سالاھىيەت بېكىتىشتىن ئۆتىشى كېرەكمۇ
2012.12.04 16:37 مەنبە: خەلق تورى
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە توردا تىزىملىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېقىندا مىكرو بىلوگدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «غەيرىي بېيجىڭ نوپۇسىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا تىزىملىتىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى». بۇنىڭغا قارىتا، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ-ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توردا تىزىملاتقاندىن كېيىن، يەنە سالاھىيىتىنى بېكىتىش كېرەك، سالاھىيەت بېكىتىشتىن ئۆتمىگەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىتىشى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. تىزىملىتىشى ئىناۋەتسىز بولغان غەيرىي بېيجىڭ نوپۇسىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىتىش ھەققى قايتۇرۇلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە