مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ ئايروپىلان تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلدى

2023.02.07 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 17 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى شىركىتى ياسىغانC919 (B001F) نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىغا سىلىق قوندى، بۇ C919ئايروپىلاننىڭ بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق ئۇزۇن مۇساپىدە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۇچۇشى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىغا تۇنجى قېتىم قونۇشى.

  بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ئاساسلىقى يولۇچىلار بۆلمىسىنىڭ ئازادە-راھەتلىك دەرىجىسىنى باھالاشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۇچۇش پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى كاپالەت ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تېزدىن مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ۋەزىپىنىڭ كاپالەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، كاپالەت تەرتىپىنى رەتلەپ، كاپالەتنى ماسلاشتۇرۇش مەخسۇس يىغىنى ئاچتى. يەر يۈزىدىكى ۋەزىپە كاپالىتى، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنى يېتەكلەش، ئايروپىلان ئورنىنى تەقسىملەش، ئالاھىدە ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى، ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق كاپالەت تەپسىلاتلىرى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنىڭ تۈرلۈك كاپالەت تەلىپى ۋە پىكرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ئۇچۇشنى دەلىللەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  C919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېلىمىز خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان ئۇچۇشقا ماس كېلىدىغان ئۆلچەم بويىچە ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە رېئاكتىپ غول لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى، ئورۇندۇقى 158-192، ئۇچۇش مۇساپىسى 4075 كىلومېتىردىن 5555 كىلومېتىرغىچە بولۇپ، 2015-يىل 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇلۇپ پۈتكەن، 2017-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچقان، 2022-يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى تارقاتقان تىپ لاياقەتنامىسىگە ئېرىشكەن، 2022-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ شەرق ئاۋىياتسىيەسىگە تاپشۇرۇلغان.

  C919 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 38.90 مېتىر، ئېگىزلىكى 11.95 مېتىر، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 35.80 مېتىر، چارلاش سۈرئىتى 0.785 ماخ، ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇش ئېگىزلىكى 12 مىڭ 100 مېتىر.

  بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 26-كۈنى C919 ئايروپىلان 100 سائەت ئۇچۇشنى سىناق قىلىشقا باشلىدى، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە C919 ئايروپىلاننىڭ 100 سائەتتىن ئارتۇق ئۇچۇشنى سىناق قىلىشى 2023-يىل 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، ئۇچىدىغان ۋە قونىدىغان ئايرودروملار بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومى، بېيجىڭ داشىڭ ئايرودرومى ، چېڭدۇ تيەنفۇ ئايرودرومى، شىئەن ئايرودرومى، خەيكوۋ ئايرودرومى قاتارلىق تىپىك ئايرودروملار بولۇپ، ئۇچۇشنى دەلىللەشتە پۈتكۈل نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش جەريانىنى تەقلىد قىلىدۇ، بۇ ئىمزا قويۇپ ماڭدۇرۇش، ئۇچقۇچىلارنىڭ مەشغۇلاتى، ئايروپىلان رېمونت قىلىش قاتارلىق پۈتكۈل جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى شىركىتىنىڭ سىناق ئۇچۇش پىلانى بويىچە، C919 ئايروپىلان ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2020-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، 2021-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە تۇرپان ئايرودرومىغا يۆتكىلىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا مەخسۇس سىنىقى ۋە يەر يۈزى تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرغان،2023-يىلى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر ئايرودرومىدا ئۇزۇن لىنىيەدە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۇچۇشنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ