مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا كەسپىي ئورۇنلاردىن ئالاقىدار ئاپپارات، ئىشتات ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ، نازارەتنى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىندى

2023.02.06 22:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كەسپىي ئىشتاتلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ).

  «چارە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك ئاپپارات ئىشتاتى تارماقلىرى ئاپپارات ئىشتاتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە دائىر كونكرېت ئىشلارنى ھوقۇق بېرىش ۋە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئاپپارات ئىشتاتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، چەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە تەشكىلات، كادىرلار، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جايلار، تارماقلاردىكى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىك يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. كەسپىي ئورۇنلار ئىش بېجىرىشتە ئاشكارا بولۇش تەلىپى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ئاپپارات ئىشتاتى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ، نازارەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئاپپارات-ئىشتات تارماقلىرى ئاممىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىدە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇ چارىگە خىلاپلىق قىلغانلار «ئاپپارات ئىشتاتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ۋە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ