مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي ھەق ئېلىشقا ياكى باغلاپ ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ

2023.02.05 22:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق بەش تارماق «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي ھەق ئېلىشقا ياكى باغلاپ ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ

  «كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەت مەنبەسى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ياردەم خىراجىتى، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ياكى ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش (مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار ۋاكالىتەن ئالىدىغان خىراجەتنى كۆرسىتىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى خالىغانچە كۆپەيتىشكە، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشكە، ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، ياتاقلىق باشقۇرۇش مەكتەپلىرىنىڭ دائىملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي ھەق ئېلىشقا ياكى باغلاپ ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

  ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەربىر ئوقۇش مەۋسۇمدىكى مۇلازىمەت ھەققى 200 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ

  شىنجاڭدا دەرستىن كېيىنكى بىر سائەتلىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى


  «كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپ ئۆزى تەمىنلىگەن دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشتا، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھا باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تەننەرخ تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە پايدا ئالمايدىغان بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ نازارىتىنىڭ «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە ۋاكالىتەن ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (شىنجاڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2011-يىل 2839-نومۇرلۇق)غا ئاساسەن، دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ، دەرستىن كېيىنكى بىر سائەتلىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىر ئوقۇش مەۋسۇمى 200 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ. ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ.

  كونكرېت ئۆلچىمىنى ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ياردەم پۇلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش سەۋىيەسى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەزمۇنى، ئۇسۇلى، تەننەرخى، سۈپىتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن مۇۋاپىق بېكىتىپ، جانلىق تەڭشەپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق مەكتەپلەر تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر، رايون) ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

  شىنجاڭدا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرى تەنتەربىيە تۈرىدىكى، مەدەنىيەت-سەنئەت تۈرىدىكى، پەن-تېخنىكا قاتارلىق غەيرىي پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە قاتناشتۇرسا بولىدۇ

  «كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپلەر تەنتەربىيە، مەدەنىيەت-سەنئەت، پەن-تېخنىكا قاتارلىق غەيرىي پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە قاتناشتۇرسا بولىدۇ، كىرگۈزگەن غەيرىي پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش تۈرلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ھەققى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ بىر تۇتاش ھەق ئالسىمۇ بولىدۇ ياكى ئايرىم ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ ھەق ئالسىمۇ بولىدۇ، لېكىن تەكرار ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ. غەيرىي پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى كىرگۈزۈش پىرىنسىپى، شەرت تەرتىپى، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە باھالاپ چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ