مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسىملىك ئېلان قىلىندى! شىنجاڭ تاللاندى

2023.02.03 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 2-فېۋرال «2022-يىللىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى بويىچە رىغبەتلەندۈرۈلىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ ئىسىملىكى»نى ئېلان قىلدى، ئىسىملىككە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاللاندى. يەنە شەندۇڭ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىسىمۇ تاللاندى.

  «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى» بويىچە، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 2022-يىللىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال باھالىدى ۋە رىغبەتلەندۈرۈلىدىغان ئۆلكىلەر تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. رىغبەتلەندۈرۈلىدىغان ئۆلكىلەر شەندۇڭ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋاقتى: 2023-يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە.

  2022-يىلى شىنجاڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 36 مىليون 508 مىڭ 500 موغا يېتىپ، دۆلەت چۈشۈرگەن ۋەزىپىدىن 1 مىليون 994 مىڭ 500 مو ئېشىپ، ئومۇمىي ئاشلىق ھوسۇلى 18 مىليون 135 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 777 مىڭ توننا ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئېشىش مىقدارىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى!

  ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. بۇلتۇر 7 مىليون 153 مىڭ 800 مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسىدىن 713 مىڭ 800 مو ئاشۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ