مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 2- ئايدا ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلايدۇ

2023.02.02 15:30 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مائارىپ ئىدارىلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش، ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى

  مۇخبىرنىڭ قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ شەھەرنىڭ 2022-2023 ئوقۇش يىلىنىڭ 2- مەۋسۈمىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 13- فېۋرال تىزىمغا ئالدۇرۇپ، 14- فېۋرال رەسمىي ئوقۇش باشلايدىكەن.

  قومۇل شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قومۇل شەھىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەر قايسى يىللىقلىرىدا 4- فېۋرالدىن بۇرۇن ئوقۇش باشلىنىدىكەن، تولۇقسىز 3- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى 6- فېۋرال ئوقۇش باشلايدىكەن، تولۇقسىز 1-، 2- يىللىق 8- فېۋرال ئوقۇش باشلايدىكەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە 13- فېۋرالدا ئوقۇش باشلىنىدىكەن.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باسقۇچقا، تۈركۈمگە بۆلۈپ تەرتىپلىك ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇقسىز 3-يىللىق، تولۇق 3- يىللىقلاردا 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلىدى، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى تولۇقسىز 1-يىللىق، تولۇق 1-يىللىق، 2-يىللىقلاردا ئوقۇش باشلىنىدۇ، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇش باشلىنىدۇ، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى يەسلىدە ئوقۇش باشلىنىدۇ.

  بورتالا ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ ئوقۇش باشلاش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇش، دەم ئېلىش ئەندىزىسىنى تەڭشەپ، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇشقا يېتەكلەشنى، بالىلارنى مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتەكلەپ، قىشلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقنى بالدۇرراق تاماملاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەتىللىك تۇرمۇشتىكى ھاسىلاتلارنى خۇلاسىلەپ، بالىلار بىلەن بىرلىكتە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى پىلانى تۈزۈشىنى، بالىلارنىڭ ئالدىنقى مەۋسۇمدىكى دەرسلەرنى ئۈنۈملۈك تەكرار قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاجىز ھالقىلاردىكى يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىشى كېرەكلىكىنى، بالىلارنى قۇربى يېتىدىغان ئائىلە ئەمگىكىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا، ئۇنى تاماملاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئۆز ئىشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇستەقىللىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئەسكەرتتى.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 13- فېۋرال تىزىمغا ئالدۇرۇپ، 14- فېۋرال ئوقۇش باشلايدىكەن، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 12- فېۋرال تىزىمغا ئالدۇرۇپ، 13- فېۋرال ئوقۇش باشلايدىكەن.

  ئوقۇش باشلىنىش ئالدىدا، 2- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش ئورنىغا كېلىپ، ئىشخانىلىرىنى رەتلەپ، تازىلىق قىلىپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى دەرسلىكلەرنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10- ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چې فېي مۇنداق دېدى: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا بىز ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يېڭى كەيپىيات بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش ئورنىغا بېرىپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى ئۈچۈن تۈرلۈك تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق... يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەكتىپىمىز تاپشۇرۇق سانىنى ئىخچاملاش، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەزمۇنىنى بېيىتىش، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت تۈرلىرىنى كېڭەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى باھالاشنى ياخشىلاش قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ