1-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 15 تە خوتەن شەھەرلىك بېيجىڭ خەيدىيەن باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە خوتەن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتىن بولۇپ 10نەپەر مۇنەۋۋەر ياش-ئۆسمۈر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ بېيجىڭ سەپىرىگە ئاتلاندى.ئ
ىگىلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ بالىلار بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېيجىڭغا بېرىپ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن.
خوتەن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 7-يىللىقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى نۇرگۈزەل ئەخمەتجان يەنە چېگرا رايوندىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋەكىلى سۈپىتىدە خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلىدىكەن.
قېنى، مۇنەۋۋەر بالىلار ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتايلى!
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ