مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەنيادا باتۇرلۇق بىلەن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قىزنى قۇتقۇزغان شىنجاڭلىق ئاكا يۇرتىغا قايتىپ ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى

2023.02.01 14:22 مەنبە: خەلق تورى

  1-ئاينىڭ 30-كۈنى خەينەن سەنيادا باتۇرلۇق بىلەن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قىزنى قۇتقۇزغان شىنجاڭلىق ئەسقەر ھەسەن ئاكا يۇرتىغا قايتتى. كورلا لىچېڭ ئايرودرومىدا يۇرت خەلقى ئۇنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئەسقەر ھەسەنمۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 7-نۆۋەتلىك بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى.

  چاغان مەزگىلىدە تارىم نېفىتلىكى يېڭى مەھەللە نېفىت-گاز باشقۇرۇش رايونىنىڭ خىزمەتچىسى ئەسقەر ھەسەننىڭ خەينەن سەنيادا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ ياشلىق قىزنى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قۇتقۇزغانلىقىدەك ئىش-ئىزلىرى كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە يۇرتىدىكى خەلقنىمۇ ئۇنىڭدىن پەخىرلەندۈردى.

  ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن: «تۇنجى قېتىم بۇنداق تۇيۇقسىز ئەھۋالغا يولۇقۇشۇم، قۇتقۇزمىساق پۇرسەت قالمايتتى، قۇتقۇزساق ئازراق ئۈمىد تۇغۇلاتتى» دېدى. دەل مۇشۇنداق ئەڭ ياخشى نىيەتلىك تەبىئىي ئىنكاس ۋە ئاددىي ئوي-پىكىر بىر كىچىك ھاياتلىق ۋە بىر ئائىلىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

  ئەسقەر ھەسەننى يەنە بىر قېتىم ئالقىشلايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ