مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋەكىل ۋاڭ رۇڭشىن قاراماينىڭ «شىمالىي شىنجاڭ كىنو-تېلېۋىزىيە مەركىزى» قۇرۇشىنى قوللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2023.01.21 02:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مول مەنزىرە تاللاش ئېلېمېنتى، تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان قاتناش، ئىلغار كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى... قاراماي شەھىرى كىنو-تېلېۋىزىيە بازىسىنىڭ تۈرلۈك شارائىتىنى ھازىرلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قاراماي شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ رۇڭشىن قاراماي شەھىرىنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللاپ، «شىمالىي شىنجاڭ كىنو-تېلېۋىزىيە مەركىزى» بەرپا قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت، ئاپتونوم رايون كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە كاپالەتلەندۈرىدىغان كۆپ تۈرلۈك سىياسەت-ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، مول تەبىئىي مەنزىرىسى نۇرغۇن تىياتىر گۇرۇپپىسىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەشكە جەلپ قىلدى.

  قاراماي شەھىرىگە قاراشلىق رايونلار يارداڭلىق، قۇملۇق، چۆللۈك، توغراقلىق، كۆل، جىلغا، نېفىت سانائىتى، دەۋر ئىمارەت توپى قاتارلىق تۈرلۈك تەبىئىي ۋە گۇمانىتار مەنزىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەنزىرە تاللاش بايلىقى مول. ئورقۇ كىنو-تېلېۋىزىيە شەھەرچىسى، جى جەمەتى قەبىلىسى كىنو-تېلېۋىزىيە شەھەرچىسى 2-قېتىم تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىنو-تېلېۋىزىيە سۈرەتكە ئېلىش، ساياھەتچىلەر ھېس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە مەدەنىيەت-ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۆزگىچە كىنو-تېلېۋىزىيە ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتىنى شەكىللەندۈردى.

  ۋەكىل ۋاڭ رۇڭشىن مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، <يەتتە شەمشەر تيانشانغا چۈشتى>، <قەھرىمان>، <داكچىن ئىمپېرىيەسى> قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق ھەر خىل كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسىرى قاراماي شەھىرىدە كۆرۈنۈش تاللاپ سۈرەتكە ئېلىندى، ئۇدا بەش نۆۋەت <قاراماي __ ئىجادىي سېنارىستلارغا مەدەت بېرىش> پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، 2000 غا يېقىن ئىجادىي سىنارىيە قوبۇل قىلىندى ھەم تەدرىجىي سودىغا ئايلاندۇرۇلدى.»

  ۋەكىل ۋاڭ رۇڭشىن مۇنداق قارىدى: قاراماي شىمالىي شىنجاڭنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋايولى قاتارلىقلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ، راۋانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئاسمان خەرىتىسى، خۇاۋېي بۇلۇت مۇلازىمەت مەركىزى، دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى «بىر بەلباغ، بىر يول» چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ھەمدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى كىنو-تېلېۋىزىيە كارتون-ھەجىۋى فىلىم بازىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.

  شۇڭا، ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، شاڭخەينىڭ قارامايغا ياردەم بېرىش قاتارلىق مېخانىزملىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىر گۇرۇپپىلىرى ۋە سۈرەتكە ئېلىش ئۆمەكلىرىنى قارامايغا بېرىپ مەنزىرە تاللاپ سۈرەتكە ئېلىشقا تەكلىپ قىلىپ، قاراماينىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالاقىدار مەخسۇس يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈش كېرەك؛ قاراماينىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە بايلىقىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، كىنو-تېلېۋىزىيە كارخانىلىرى ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى داڭلىق كىشىلەرنى قارامايدا خىزمەت ئىشخانىسى ياكى ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ