مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتىگە ئېرىشتى

2023.01.21 02:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى بىرلىشىپ «سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى كىرېدىت كۆلىمىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 30 يىللىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  قوللاش دائىرىسى يېڭىدىن كۆپەيگەن بوز يەر ئېچىش تۈرى، يېڭىدىن قۇرۇلغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز تۈرى، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى، پۈتۈن رايون بويىچە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى، رەقەملىك ئېتىز ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تۈرى، تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ئۆستۈرۈش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  جايلاردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى شۇ جاينىڭ پۇل مۇئامىلە مەدىتىگە جىددىي ئېھتىياجلىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رەتلەپ، جەمئىيەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، «بىر تۈركۈمنى شەكىللەندۈرۈش، بىر تۈركۈمنى يوللاش» پىرىنسىپى بويىچە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىغا تۈر تىزىملىكىنى قەرەلسىز يوللاپ، قەرز ئالغۇچى سۇبيېكت بىلەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماق ئاپپاراتلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  بۇ تۈرلەرگە قارىتا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تەدبىر كۆرسىتىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىگە مۇددەتتىن بۇرۇن ئارىلىشىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەر قۇرۇلۇشى لايىھەسىنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بايلىق ئامىللىرىنى بىرىكتۈرۈشىگە ھەمكارلىشىپ، تۈرلەرنى پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاش لايىھەسى ياكى ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۈر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ