ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشىنى كۆرمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە ھەممە ئادەمگە تونۇلغان. قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى كېرىيە ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى قاتناش قولايسىز چەت، خىلۋەت جاي ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى سىجىل زورايتتى، 2020-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودرومىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى. قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، ئايرودرومنىڭ 11-ئايدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، 16 ئايدىكى يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 25 توننىدىن ئاشتى. ھازىرغا قەدەر، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودرومىدا توشۇلغان يولۇچى 150 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى 100 توننىغا يېقىنلاشتى. ھازىر كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودرومىدىن ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يەنە شاڭخەي، شېنجېن، چېڭدۇ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم شەھەرلەرگە يېتىپ بارالايدۇ.
«<ئېشەككە مىنىش>تىن <ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش>قىچە بولغان ئىشلار خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقانغا ئوخشايدۇ. ھازىر، بىز ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ، شاڭخەيگە بىۋاسىتە بارالايدىغان بولۇپلا قالماي، پويىزمۇ ئىشىك ئالدىمىزدىن ئۆتىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا جايلارغا بېرىپ ئوقۇشى تېخىمۇ قولايلاشتى، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ جايلارغا ئاپىرىپ ساتقىلى بولىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ» دەيدۇ يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشنى تىلغا ئالغاندا قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى ئىنتايىن ھاياجان بىلەن.
كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودرومى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز يولۇچى ۋە يۈك بازىرىنى ئېچىشنى كۈچەيتىپ، ئايرودروم كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن تەرەققىيات پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتىدىكى يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ماللارنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئايرودرومنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىمىز».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ