مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرى مەخسۇس سىياسەت تۈزۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرىدۇ

2022.12.01 23:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى مەخسۇس سىياسەت تۈزۈپ، تۆۋەن كىرىملىكلەر، كىرىمى يوقلار قاتارلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يۇقۇم تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى يەنمېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئۈچ جەھەتتىكى سىياسەت، تەدبىرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزدى:

  بىرىنچى، تۆۋەن كىرىملىك، كىرىمى يوق قاتارلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش كاپالىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر بىر ئادەمگە 300 يۈەن ئۆلچەم بويىچە، بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردىمى بېرىلىدۇ.

  ئىككىنچى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئىجارىلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ئائىلىلىرىدىن ئىجارە ھەققى تاپشۇرمىغان، توختامنىڭ مۇددىتى توشمىغانلىرىغا قارىتا، ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ بەش ئايلىق ئىجارە ھەققى كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرغان، توختام مۇددىتى توشمىغان بولسا، ئىجارە مۇددىتى بەش ئاي ئۇزارتىلىدۇ؛ توختام مۇددىتى توشقان كاپالەتلىك ئائىلىلەر داۋاملىق ئىجارە ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىپ يېڭى ئىجارە توختامى تۈزگەندە، ئۆي ئىجارىسى ئالغاندا بەش ئايلىق ئىجارە ھەققى كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى بىر تۈركۈم ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بارلار ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ