مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا يىل ئاخىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەش قانات يايدۇرۇلىدۇ

ئۆلۈش-يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىش قەتئىي توسۇلىدۇ

2022.12.01 23:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى «ئاپتونوم رايوننىڭ يىل ئاخىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ كېلەر يىلى 1-ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يىل ئاخىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆلۈش-يارىلىنىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىل ئاخىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك تۈزەش خىزمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، بارلىق ساھە، بارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنى قاپلايدۇ. ھەرقايسى ساھە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى باش بولۇپ تەشكىللەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. جايلاردىكى ئىككى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىكىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەت نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانا، سورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ يىل ئاخىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

  «لايىھە»دە نۇقتىلىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش مەزمۇنى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كارخانىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش ئەھۋالى، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدىكى تەشكىلىي رەھبەرلىك، ئاچقۇچلۇق خادىملار، بىخەتەرلىك تۈزۈمى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلە، يوشۇرۇن خەۋپ ئەھۋالى، ئورۇنلاردىكى بارلىق خادىملارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارمىقى كۆمۈركان، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پوجاڭزا، كۆمۈركاندىن باشقا كان، سودا-سانائەت ساھەسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئوت ئۆچۈرۈش، قاتناش-تىرانسپورت، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سۇچىلىق، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۆمۈريول، مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى-يېزا قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆز ساھەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇشى ئاجىز نۇقتىلىق كارخانىلار ۋە خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي كۈچلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلاردا ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بايقىشى ۋە تىزگىنلىشى كېرەك. مەسىلە، يوشۇرۇن خەۋپنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يىل ئاخىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن-بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  «لايىھە» تۆت باسقۇچقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا سەپەرۋەرلىك قىلىش-ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچى (2022-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن)، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش-تۈزەش باسقۇچى (2022-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە)، مەركەزلىك تۈزەش باسقۇچى (2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە) ۋە مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش باسقۇچى (2023-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە) بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ