خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاچقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 10 دىن باشلاپ، غۇلجا شەھىرىدە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى؛ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى؛ سودىنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئوقۇشنى، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان.
غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى چياۋ شۆگاڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، غۇلجا شەھرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باش تەدبىرى ۋە ئۇدۇللۇق تۈگىتىش باش فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، تېببىي خادىملار، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى قاتارلىق كۈچلەرنى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىقا سەپەرۋەر قىلىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئۇدۇللۇق تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
غۇلجا شەھىرى سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى سىجىل، ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى (9-نۇسخا)» ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى 20 تەدبىر بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى، توغرىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ