مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «شالغۇت شال ئارقىلىق چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ۋە دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى» خەلقئارا مۇنبىرىگە يازما سۆز قىلدى

2022.11.14 22:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «شالغۇت شال ئارقىلىق چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ۋە دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى» خەلقئارا مۇنبىرىگە يازما سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە. يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، شالغۇت شال جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىنىپ ۋە كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلىپ، جۇڭگونىڭ يەر شارىدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ %9ىگە يەتمەيدىغان قىسمى ئارقىلىق دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىم ئاھالىنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە ئۈچىنچى چوڭ ئاشلىق ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلىنىشىغا ياردەم بەردى. 1979-يىلىدىن باشلاپ، شالغۇت شال بەش قىتئەدىكى 70 كە يېقىن دۆلەتكە تېرىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، يەر شارىۋى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ، جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەقدىرداش بولۇش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە نامراتلارنى ئازايتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاچارچىلىق، نامراتلىق بولمىغان دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  «شالغۇت شال ئارقىلىق چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ۋە دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى» خەلقئارا مۇنبىرى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ