مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

«شەرتنامە تۈزەشنى باشقۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىندى

2022.11.09 10:21 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «شەرتنامە تۈزۈشنى باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، 2023 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «چارە» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خەلقئارا قانۇننى تەتقىق قىلىش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىش، چەت ئەلگە چېتىشلىق خىزمەتنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر يەكۈنلىنىش ئاساسىدا، ئالاقىدار تەرتىپلەر يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچەيتىلىپ، چوڭ – چوڭ ئىشلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدىغان ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلايدىغان شەرتنامىلەرنىڭ دائىرىسى، شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا تەتبىقلىنىدىغان شەرتنامىلەرنىڭ بېجىرىلىش تەرتىپى، شەرتنامىنى دۆلەت ئىچى قانۇنى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە قىسمەن تەرتىپلەرنىڭ تۈزۈم لايىھەسى قاتارلىق مەزمۇنلار تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى، ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، پارتىيەنىڭ شەرتنامە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى كۈچەيتىلدى. «چارە»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: شەرتنامە مەزمۇنى سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، جەمئىيەت، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى زور دۆلەت مەنپەئەتىگە چېتىلسا، شەرتنامە لايىھەسى ۋە شەرتنامە لايىھەسىگە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، شەرتنامە تۈزۈش خىزمەت تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. «چارە» دە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە شەرتنامە تۈزۈشنىڭ كونكرېت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغانلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شەرتنامە تۈزۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغانلىقى؛ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە گوۋۇيۈەن ئايرىم ھوقۇق بەرگەندىن باشقا، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ شەرتنامە تۈزۈش ھوقۇقى يوقلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەرتنامە سۆھبىتى، ئىمزا قويۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا سۇنۇش، ئەنگە ئېلىش، تىزىملاش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى بەلگىلەندى، بولۇپمۇ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بېجىرىش ۋاقىت چېكى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئۈچىنچى، تەستىقلاشقا ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا تېگىشلىك شەرتنامە دائىرىسى تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى. «چارە»دە قانۇن چىقىرىش قانۇنى، خامچوت قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەمدە كۆپ يىللىق شەرتنامە تۈزۈش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە سۇنۇلىدىغان ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارار قىلىپ تەستىقلىشىغا سۇنۇش تەكلىپى بېرىلىدىغان ئون تۈرلۈك شەرتنامە، گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىغان ئون تۈرلۈك شەرتنامە مىسال كەلتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار تەرتىپلەر تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى.

  تۆتىنچى، شەرتنامىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا تەتبىقلىنىدىغان بېجىرىش تەرتىپى كۆپەيتىلدى. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، «چارە» دە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ شەرتنامىنى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا تەتبىقلاش تەرتىپى ۋە شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپى، بولۇپمۇ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن پىكىر ئېلىش مەزمۇنى، تەرتىپى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  بەشىنچى، شەرتنامىنى قانۇن نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. «چارە»دە شەرتنامە ئىمزالىنىشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ قانۇنچىلىق ئاپپاراتلىرى قانۇن نۇقتىسىدىن شەرتنامىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكى بەلگىلەندى. شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللىنىدىغان شەرتنامىنىڭ مەزمۇنى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرى ياكى دۆلىتىمىز باشقا شەرتنامىلەرگە ئاساسەن ئۈستىگە ئالىدىغان خەلقئارا مەجبۇرىيەت بىلەن بىردەك بولمىسا، ئالاقىدار تارماقلار شەرتنامە ئىمزالىنىشتىن ئىلگىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللانغان شەرتنامىلەرنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ، قانۇن پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ