مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەلقئارا بامبۇك ۋە پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەم 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا بامبۇك ۋە پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.11.09 09:53 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلقئارا بامبۇك ۋە پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەم 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا بامبۇك ۋە پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقئارا بامبۇك ۋە پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بامبۇك ۋە پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى قوغداش، ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا كۈچ چىقىرىپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا بامبۇك ۋە پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر تەشكىلاتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بامبۇكنى سولياۋ ئورنىدا ئىشلىتىش» تەشەببۇسىنى ئورتاق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سولياۋدىن بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، داۋاملىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، بىرلىكتە ئەۋلادلار ئۈچۈن پاكىز، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.

  خەلقئارا بامبۇك ۋە پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا بامبۇك ۋە پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر يىغىنى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، باش تېمىسى «بامبۇك ۋە پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر − تەبىئەتنى ئاساس قىلغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ھەل قىلىش لايىھەسى»، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى بىلەن خەلقئارا بامبۇك ۋە پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر تەشكىلاتى يىغىنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ